ئىككى ئەرەب شاھزادىسى بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادىلىرى بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى.

1792398
ئىككى ئەرەب شاھزادىسى بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى ئوتتۇرىسىدا خەلقئارانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش مەسىلىسى ۋە بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تېلېفون ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى، لېكىن بۇنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقى ئىلگرى سۈرۈلدى.

«Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئاقساراي دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان ۋە ئەبۇزەبى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن بايدىننى تېلېفوندا كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان.

بۇ سۆھبەتتە بايدېننىڭ شاھزادىلەر بىلەن خەلقئارانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش مەسىلىسىنى ۋە دۇنيادىكى بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشى مەقسەت قىلىنغان. لېكىن ئاقساراينىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىگە ھەر ئىككى دۆلەتتىن ھېچقانداق ئىجابىي جاۋاب ئالالمىغان.

«WSJ» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان. سەئۇدى ئەرەبىستان بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەنگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشى ۋە ئىران مەسىلىسدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە 2018-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جامال قاشىقجى مەسىلىسىدىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى تۇرغۇزۇلغان دېلوغا مۇداخىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھەر ئىككى تەخت ۋارىسى بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر