ئۇكرائىنا ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا، مولدوۋا ۋە گرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشكە ھازىرلىق قىلماقتا.

1791632
ئۇكرائىنا ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى فىرانسىيەنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى تۈنۈگۈن كەچتە مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىلتىماسى ھەققىدە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پىكىر بىلدۈرۈشىگە دائىر  كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

شۇنداق قىلىپ، ئەزالىق ئىلتىماسىدىن كېيىن تېخنىكىلىق باسقۇچنىڭ بىرىنچى قەدىمى تاشلانغان بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق نامزاتلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇزۇن مۇساپىنىڭ باشلانغۇچى ھېسابلىنىدىغان بۇ باسقۇچتىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي سەۋىيەدە قارار چىقىرىش ئارقىلىق نامزاتلارنى بېكىتىپ چىقالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەڭ تەستىقلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇكرائىنا، مولدوۋا ۋە گرۇزىيە ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان ئىدى.

ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىلتىماسىنىڭ 10-مارتتىن 11-مارتقىچە نۆۋەتچى رەئىس فىرانسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋېرساي سارىيىغا يىغىلىدىغان ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى تەرىپىدىنمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر