ب د ت ئۇكرائىنادىكى ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى

24 - فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنادا قازا قىلغان ۋە يارىلانغان پۇقرالار سانىنىڭ 1207 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1791483
ب د ت ئۇكرائىنادىكى ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى ئىستېفان دۇجارىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشغالىيىتى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 406 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنادا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 1207 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇجارىك، ئۇكرائىنا تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 1 مىليون 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان رايونلاردا قاپسىلىپ قالغان پۇقرالارنى بىخەتەر زىيارەت قىلىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان باياناتچى دۇجارىك، ھۇجۇملاردا 9 دوختۇرخانا، ساقلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر