ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن كۆرۈشتى.
1790511
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: (رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى) كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ داۋاملىشىۋاتقان ئۇچرىشىشقا ئالاقىدار ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنماقتا» دېدى.
رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.