شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1790236
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ ياپون دېڭىزىغا قارىتىپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 550 كىلومىتىر ئېگىزلىكنى بويلاپ، 300 كىلومىتىر ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇئو، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە سىناق سەۋەبىدىن دىپلوماتىك ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغان بۇ سىناقنىڭ دۆلىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو ئالاقىدار ئورگانلارغا رايوندىكى پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارنىڭ زىيانغا ئۇچراپ – ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى بومبا سىنىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 08: 48 ئەتراپىدا پيوڭياڭغا يېقىن سۇنان رايونىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى دەلىللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر