ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 21 – فېۋرال يىغىن چاقىرىپ، نۇقتىلىق ھالدا رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1781417
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى كۈنتەرتىپىنىڭ بىرىنچى ماددىسىنى رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر تەشكىل قىلىدۇ. يىغىننىڭ بىر قىسمىغا ئۇكرائىنانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبانىڭمۇ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇندىن بۇيان «ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، رۇسىيەگە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەتكۈزىدىغانلىقى»نى قايتا  - قايتا تەكىتلەپ كەلمەكتە؛ بۇ جازالارنىڭ ئىقتىسادىي، پۇل - مۇئامىلە ۋە سىياسىي رامكا ئىچىدە بولىدىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېنېرگىيە، سودا ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

يىغىندا، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنادىكى سېرىپ جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسى ئەمەلدالىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قەدەملىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، سېرب ئەمەلدارلارغا قارىتىلىدىغان جازا مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە توغرىسىدا قارار چىقىرىلمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يەنە مالى، ئىران يادرو سۆھبىتى، كىلىمات دىپلوماتىيەسى ۋە تور ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر