ئەرمېنىيەدە 5.3 بال، گىرۇزىيەدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تۋىتتېر بېتىدە، ئەرمېنىيەدە 5.3 بال، گىرۇزىيەدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1778133
ئەرمېنىيەدە 5.3 بال، گىرۇزىيەدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى رەسمىي تۋىتتېر بېتىدە، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 13-فېۋرال) شۇ يەر ۋاقتى 21:25 ئۆتكەندە ئەرمېنىيەنىڭ شىراك شەھىرى ئەتراپىدا 5.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«ئەرمېنىيەدە يۈز بەرگەن 5.3 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن كارس ۋىلايىتىنىڭ ئاكياكا ناھىيەسىدە ھېچقانداق سەلبىي ئەھۋال كۆرۈلمىدى.»

يەر تەۋرەشنىڭ يەردىن 5.61 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

گىرۇزىيەدىمۇ 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گىرۇزىيە دۇنيا بىلىملىرى ئىنىستىتۇتى ۋە دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، گىرۇزىيەدە تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 22:25 تە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن.

 مەركىزىي نۇقتىسى سامسېكى ژاۋاتىكى (Samtkhe-Javakheti) رايونىدىكى سامېبا (Sameba) يېزىسى بولغان يەر تەۋرەش، پايتەخت تىبلىستىمۇ ھېس قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر