ياپونىيە ھۆكۈمىتى كوۋىد-19 غا قارشى قىسمەن جىددىي ھالەتنى ئۇزارتتى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشتە يولغا قويۇلغان قىسمەن جىددىي ھالەتنى 13 ئۆلكىدە 6-مارتقىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

1777749
ياپونىيە ھۆكۈمىتى كوۋىد-19 غا قارشى قىسمەن جىددىي ھالەتنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كوۋىد -19 غا قارشى قىسمەن جىددىي ھالەتنى ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قارارنى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كوۋىد -19 مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان كىشىدا. قىسمەن جىددىي ھالەتنىڭ «مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى» نى بىلدۈردى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا ئۆرلەش نىسبىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقان يۇقۇمنىڭ «بىخەتەر بولۇشتىن ئۇزاق» ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى ئاقسىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

يېڭى قارار بىلەن ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلغان قىسمەن جىددىي ھالەت پايتەخت توكيو قاتارلىق 13 ئۆلكىدە 6-مارتقىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

قىسمەن جىددىي ھالەت ئۆلكە باشلىقلىرىنى، رېستورانلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش، ھاراق سېتىشنى توختىتىش ۋە ئاممىنىڭ دۆلەت سىرتىغا ساياھەتكە چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلىش قوقۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر