پرايس: تۈركىيە - ئۇكرائىنا ھەمكارلىقى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايىس، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتىنى توغرىسىدا توختالدى.

1773408
پرايس: تۈركىيە - ئۇكرائىنا ھەمكارلىقى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايىس، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتىنى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيە - ئۇكرائىنا ھەمكارلىقىنىڭ رايون مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەردوغاننىڭ كىيېۋ زىيارىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇ (زىيارەتنى) رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

باياناتچى پرايس بۇ ھەقتىكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئۇكرائىناغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىش بىلەن بىرگە، ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ ئۇكرائىنالىق شېرىكلىرىمىزنى ئامېرىكادا ئىشلەنگەن قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى بەردۇق، ھەمدە شېرىك ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى يۈز بەرگۈسى رۇس تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۇكرائىنانى بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنى «ئۇچۇر بۇرمىلاش سەپەرۋەرلىكى»نى توختىتپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋە دىيالو ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن پرايس، رۇس دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە، رادىيو، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق سۇپىلاردا كەڭ دائىرىلك ئۇچۇر بۇرمىلاش ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ھەلەكچىلكىىدە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر