ب د ت باياناتچىسى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا توختالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى فارخان ھەق، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇرەسسە قىلىش تەكلىپى توغرىسىدا توختالدى.

1773262
ب د ت باياناتچىسى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى فارخان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇرەسسە قىلىش تەكلىپى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر