ئامېرىكا دائېش لىدېرى قۇرەيشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى ئەبۇ ئىبراھىم ئەلھاشىمى ئەلقۇرەيشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1773076
ئامېرىكا دائېش لىدېرى قۇرەيشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈنۈگۈن كېچە ئامېرىكا ئارمىيەسى مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئاساسەن سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈش، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ئامېرىكا خەلقىنى قوغداش مەقسىتىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. جەسۇر ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارى سايىسىدا دائېش لىدېرى ئەبۇ ئىبراھىم ئەلھاشىمى ئەلقۇرەيشىنى بىر تەرەپ قىلدۇق. زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئامېرىكالىقلار بىخەتەر ھالەتتە قايتىپ كەلدى» دېدى.

ئاقساراينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا پىرېزىدېنت بايدىن، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھاررىس ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى كۈزىتىۋاتقان كۈرۈنۈشلىرى ھەمبەھرىلەندى.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىدە بىر ف-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار بىر كىشىگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى، ھەرىكەت جەريانىدا ئايال ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر