ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا كېلىشتى.

1773001
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاياشى يوشىماسانىڭ ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق ھەمكارلىقىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت قارارلىرىغا قارىماي، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى، ھەمدە ئۇنىڭ ياپونىيەلىك مەنسەپدىشىغا، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ھاياشى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 1-ئايدا كۆپىيىپ كەتكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى تىلغا ئېلىپ،   شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى مىنىستىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا داۋاملىق ئەسكەر توپلىشىنى ئەندىشە ئىچىدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆتكەن ئايدا ئوخشىمىغان تىپ ۋە مۇساپىدىكى 7 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان شىمالىي كورېيە، يادرو ۋە قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر