رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىغا ئالاقىدار تەكلىپلىرىگە يازما جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ئالاقىدار تەكلىپلىرىگە يازما جاۋاب قايتۇردى.

1771305
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىغا ئالاقىدار تەكلىپلىرىگە يازما جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىگە رۇسىيەدىن جاۋاب كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدار: «رۇسىيەدىن يازما جاۋاب تاپشۇرۇۋالغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. جاۋابنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىش پايدىسىزدۇر، شۇڭا بىز جاۋاپ توغرىسىدا سۆز قىلىشنى رۇسىيەگە قويۇپ بېرىمىز. بىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىئالوگدا چىڭ تۇرۇشنى، ئۇكرائىنا قاتارلىق شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەكلىپلىرىگە جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.

بىللىنكېن 26-يانۋاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا قاراتقان بىخەتەرلىك تەكلىپلىرىگە يازما جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

بىللىنكېن يازما جاۋابىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەگە مۇھىم دىپلوماتىك تاللاشلارنى سۇنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

بىللىنكېن رۇسىيەنىڭ «ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرمىسۇن» دېگەن تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ئوچۇق ئىشىك سىياسىتى» دە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر