يەمەن ئارمىيەسى خۇسىيلارنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى قەلئەسى» ئاين ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇپ ئالدى

يەمەن ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەۋبە ئۆلكىسىدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى قەلئەسى» دەپ قارىلىدىغان ئاين ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

1759968
يەمەن ئارمىيەسى خۇسىيلارنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى قەلئەسى» ئاين ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار ئاين ناھىيەسى مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇپ ئالغان.

ئارمىيەگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھازىرمۇ خۇسىيلار ئورۇنلاشقان بەزى نۇقتىلاردا ئىزدەپ تۇتۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاين ناھىيەسىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى بىلەن يەمەن ئارمىيىسىنىڭ نېفىتكە باي شەۋبە ئۆلكىسىگە تەۋە جەمئىي 17 ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغانلىقى، خۇسىيلارنىڭ بولسا، مارىب ۋە ئەلبەيدا ئۆلكىسىگە قاراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بايان قىلىندى.

خۇسىيلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

خۇسىيلار 2021-يىلى سىنتەبىردە شەۋبەگە قاراشلىق بايخان، ئاين ۋە ئۇسەيلان ناھىيەلىرىنى ئىشغال قىلغان ئىدى. يەمەن ئارمىيىسى 1-يانۋار باشلانغان ھەرىكەت نەتىجىسىدە، شۇ كۈنى ئۇسەيلان ناھىيەسىنىڭ ۋە 7-يانۋاردا بايخان ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇپ ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر