بايدىن زېلېنېسكىيغا ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىيغا توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

1755884
بايدىن زېلېنېسكىيغا ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ،  پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سۆھبەت جەريانىدا بايدىننىڭ زېلېنسكىيغا: «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلىرى رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىككى رەھبەر يەنە، كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە كېڭىشىدىكى ئىككى تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق سۆھبىتىنى  ھەمدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى، دونباستىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە مىنسىكى كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ قايتا تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر