خىتايدىكى يەر تەۋرەشتە 15 كىشى يارىلاندى
خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى. ۋەقەدە 15 كىشى يارىلاندى.
1755733
![خىتايدىكى يەر تەۋرەشتە 15 كىشى يارىلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/da57/79d2/735d/60a7ba5a19b92.jpg?time=1718838427)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يۈننەن يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى لىجىئاڭ شەھىرى بولۇپ، يەر يۈزىدىن 10 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى يېرىم كېچە سائەت 03:02 دە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، 15 كىشى يارىلانغان.