ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1748304
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك  كېڭىشى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەتكۈزدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى ئېمىلىي خورنې يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۇللىۋاننىڭ ئۇشاكوف بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ 7- دېكابىردىكى يىغىنىنىڭ داۋامى سۈپىتىدىكى سۆھبەت جەريانىدا سۇللىۋاننىڭ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا قوشۇن توپلىشىغا بولغان بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش جەيارنىدا ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سۇللىۋان، ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كارېن دونفرىدنىڭ 16 – دېكابىر ئۆزئارا ماس پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا كېلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر