ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ئوچۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە كۆچمەنلەر، ساغلاملىق، كېلىمات، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر قاتارلىق ئورتاق قىزىقىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.

1747601
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي يىغىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى.

مىنىستىرلار 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2022- يىلىدىكى كۈنتەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارغا قاراپ چىقتى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە دوكلاتىدا، تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى تايانچ قىلىدىغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «تۈركىيە كاندىدات دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان نۇرغۇن ساھەلەردە ھالقىلىق رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈشىدىن رازى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەت ساھەلىرىدە تەدرىجىي، مۇۋازىنەتلىك ۋە ئارقىغا قايتۇرۇشقا بولىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە: «كېڭەشنىڭ ئوچۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە كۆچمەنلەر، ساغلاملىق، كېلىمات، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر قاتارلىق ئورتاق قىزىقىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر