ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى ھەر خىل ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەرخىل ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1747633
ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى ھەر خىل ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن جايغا ئەسكەر توپلىشى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن ئايدىن بۇيان رۇسىيە – ئۇكرائىنا چېگراسىدا كۆرۈلگەن ئادەتتىن تاشقىرى ئەسكەر يىغىش ھادىسىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقنى ۋە ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بوررېل، رۇسىيەنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۆز چېگراسىدىكى نورمال ئەھۋال دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ۋاگنېر گورۇھىنىڭمۇ رۇسىيەنىڭ قارىشىچە خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى  ئېيتتى.

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە «كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش پوزىتسىيىسى»گە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئوخشىمىغان ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەتە رۇسىيەنىڭ ئەسكەر توپلاش مەسىلىسىنى تېما قىلغان بىر قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر