ئەنگلىيە: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى ئىستىراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدۇ

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تراس رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1745117
ئەنگلىيە: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى ئىستىراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تراس، دۆلىتىنىڭ پايتەختى لوندوندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان  ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئۇچرىشىش ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇكرائىنا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلگەن تاكتىكىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە دېموكراتىك دۆلەتلەر بولغان قوشنىلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ بىھۇدە ئىچۋارىچىلىقتۇر. ئەنگلىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەركىنلىكنىڭ چېگرالىرىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشتە ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرەپتە تۇرىمىز. رۇسىيەنى سۈركىلىشنى ئازايتىش، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى بىلدۈرۈش ۋە جىددىي مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بولسا، رۇسىيە دۆلىتىنى ئىشغال قىلغان تەقدىردە، كۆپ ساندا رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئەنگلىيەنىڭ «‹ Sky News› ئاخبارات ئورگىنى» غا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقداشلىرىمىز رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن، بىزمۇ ساھەدە ئۇرۇش قىلىمىز، شۇنى تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا جاكارلايمەنكى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، كۆپ ساندا رۇس ئەسكىرى ئۆلىدۇ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر