ب د ت ئافغانىستان ۋە بىرمانىڭ ب د ت باش ئەلچى نامزاتلىرىنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى
ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە بىرمادىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئۈچۈن نامزات كۆرسەتكەن باش ئەلچى كاندىداتلىرى ھازىرچە ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىش كومىتېتى، تالىباننىڭ (15 – ئاۋغۇست) ئافغانىستاندا ھۆكۈمەتنى قولغا كىرگۈزۈشى ۋە بىرمادىكى ئارمىيەنىڭ (1 – فېۋرال) ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى تارتىۋېلىشىدىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەرگە ب د ت دا كىملەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
دۆلەتلەر ب د ت ئەلچىسى نامزاتلىرىنىڭ ئىسمىنى تەشكىلاتقا يوللىغاندىن كېيىن، بۇ كىشىلەر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن ماقۇللىنىدۇ.
ب د ت ئەزاسى توققۇز دۆلەتتىن تەركىب تاپقان كومىتېتنىڭ باشلىقى شىۋېتسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئاننا كارىن ئېنېسترۆم، يىغىندىن كېيىن، كومىتېتنىڭ ب د ت دا ئافغانىستان ۋە بىرماغا كىملەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
كېچىكتۈرۈش قارارىدىن كېيىن تالىبان ۋە بىرما ئارمىيەسىنىڭ ب د ت غا كۆرسەتكەن باش ئەلچى نامزاتلىرى ھازىرچە دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
تالىبان، باياناتچىلىرىدىن سۇھەيل شاھىننى ب د ت باش ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسەتكەنىدى.