خىتاي پاكىستانغا ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتىنى بەردى

خىتاي بۈگۈنگە قەدەر چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتىنى پاكىستانغا بەردى.

1731299
خىتاي پاكىستانغا ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەتلىك پاراخوت ياساش شىركىتى (CSSC) ئىشلەپچىقارغان قوغدىغۇچى «PNS Tughril» پاراخوتى شاڭخەيدە ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلغان.

خىتاي دۆلەتلىك پاراخوت ياساش شىركىتى (CSSC)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ پاراخوتنىڭ خىتاي بۈگۈنگە قەدەر چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇرۇش پاراخوتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «054A/P» تىپلىق قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ ئېلېكترونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، يەردىن يەرگە، يەردىن ھاۋاغا ۋە سۇ ئاستىغا بومبا ئېتىش ئىقتىدارى بولغان ئىلغار تېخنىكىلىق ئۇرۇش پاراخوتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇئىنۇل ھەق پاراخوتنىڭ تاپشۇرۇلۇشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى بەت ئاچقانلىقىنى، بۇ پاراخوتنىڭ پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، ھىندى ئوكياننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقنى قوغدىشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن يەنە 3 دانە «054A/P» تىپلىق قوغدىغۇچى پاراخوت ياساپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر