ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوۋىد -19 غا گىرىپتار بولدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملاندى.
1728039
![ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوۋىد -19 غا گىرىپتار بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/dc42/60dd/60e2/5ec101a9c513f.jpg?time=1718835059)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيىد خاتىبزادە ئابدۇللاھىياننىڭ كوۋىد -19 سىنىقىنىڭ «ئىجابىي» چىققانلىقىنى (يەنى يۇقۇملانغانلىقىنى) بىلدۈردى.
سەيىد خاتىبزادە كارانتىندا تۇرۇۋاتقان ۋە بۇ خىزمەتلىرىنى يىراقتىن ئېلىپ بارىۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىياننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.