نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 20 بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى.
![نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7228/ce67/ae2b/6162884507a45.jpg?time=1719059283)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زامفارا ئۆلكىسىدىكى قوراللىق شايكىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن 20 بىخەتەرلىك خادىمى شىنكافى رايونىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ جەسەتلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
نىگېرىيە بىخەتەرلىك ۋە خەلق مۇداپىئەسى ئىدارىسى زامفارا باياناتچىسى ئامىنۇ ماري، ھۇجۇمنى جەزملەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، زامفارا ئۆلكىلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى كومىسسارى ئەلھاجى ئىبراھىم دوسارا، 3- سېنتەبىر ئۆلكىدىكى بارلىق ئالاقە لىنىيەسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن 2000 دىن ئارتۇق قوراللىق شايكا ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زامفارا ئۆلكىسى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 5 يىل بولغان فۇلانى بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.