لىۋاندا 28 توننا ئاممونىي نىترات قولغا چۈشۈرۈلدى

لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى ئارسال بازىرىدا 28 توننىدىن ئارتۇق ئاممونىي نىترات قولغا چۈشۈرۈلدى. لىۋان ئارمىيەسى ئۈچ كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1715498
لىۋاندا 28 توننا ئاممونىي نىترات قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ، ئىگىلەنگەن ئىستىخباراتقا ئاساسەن بەقا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئارسال بازىرىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىغا 4-ئۆكتەبىردە بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ماي قاچىلاش پونكىتىدا تاغارلارغا قاچىلانغان 28 توننا 275 كىلوگىرام ئاممونىي نىتراتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇ ئاممونىي نىتراتنىڭ %26 ئازوتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بىرسى لىۋان پۇقراسى،  2 نەپىرى سۈرىيەلىك، جەمئىي 3 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيرۇت پورتىدا پارتلاتقۇچ دورا ساقلىنىۋاتقان ئامبارغا ئوت كېتىپ، چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە پۈتۈن شەھەرنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.

پارتلاشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، 6000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان 1000 دىن كۆپرەك كىشى مېيىپ بولۇپ قالغان ۋە 300 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.

پىرېزىدېنت مىشەل ئاۋنى پورتتىكى پارتلاشقا  6 يىلدىن بۇيان ئامباردا ساقلانغان 2750 توننا ئاممونىي نىترات سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر