ئەنگلىيە تۈركىيەنى «قىزىل تىزىملىك» تىن چىقىرىۋەتتى

ئەنگىلىيە تۈركىيەنى ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەجبۇرىي مېھمانخانىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنىشقا تېگىشلىك «قىزىل تىزىملىك» تىن چىقىرىۋەتتى.

1707496
ئەنگلىيە تۈركىيەنى «قىزىل تىزىملىك» تىن چىقىرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ساياھەت مىنىستىرلىقى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈزۈلگەن ساياھەت  تىزىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.

ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن تىزىملىكتە، تۈركىيە، پاكىستان، مالدىۋى، مىسىر، سىرىلانكا، ئۇممان، باڭلادېش ۋە كېنىيە قاتارلىق 8 دۆلەتتىن ئەنگلىيەگە كەلگەن ئەنگلىيە پۇقرالىرى ۋە ئەنگلىيەدە تۇرۇش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە كىشىلەر، مەجبۇرىي مېھمانخانىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنىدىغان «قىزىل تىزىملىك» تىن تۈركىيە چىقىرىۋېتىلدى.

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ۋە 22 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇ ئۆزگىرىشتىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، تۈركىيە ئەنگلىيەدىن كېلىدىغان مېھمانلىرىنى بىخەتەر ھالدا كۈتۈۋېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر