ئۇكرائىنا دۆلەت بايرىمىدا «TB2–بايراقدار» كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەن قورال سەپلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «TB2–بايراقدار» ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

1695604
ئۇكرائىنا دۆلەت بايرىمىدا «TB2–بايراقدار» كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «TB2–بايراقدار» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇكرائىنا دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن پايتەخت كىيېۋنىڭ كوچىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ھەربىي ماھارەت نومۇرلىرىدا كىشىلەرگە كۆرسىتىلدى.

كىيېۋدا 24-ئاۋغۇست (2021) تەبرىكلىنىدىغان دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمنىڭ تەييارلىقلىرىدا بەزى نومۇرلار قويۇلدى. بۇنىڭدا، ئۇكرائىنانىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان «TB2–بايراقدار» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى كىيېۋدىكى ھىرشاتىكتا كۆرگەزمە قىلىندى.

كۆرگەزمىدە، كىشىلەرنىڭ «TB2–بايراقدار» گە بولغان قىزىقىشى زور بولدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بۇنىڭدىن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن قىلىنغان سىناقلاردا، «TB2–بايراقدار» نىڭ جەڭ ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، دۇنيا سەۋىيەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇشلاردا يۇقىرى قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئۇكرائىنا ناتونىڭ قارا دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىرىغا «TB2–بايراقدار» نى قاتناشتۇرغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر