ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس شارائىت پىشىپ يېتىلسە تالىبان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئافغانىستان توغرىسىدا بايانات بەردى.

1694222
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس شارائىت پىشىپ يېتىلسە تالىبان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ئافغانىستاندا رەھبەرلىك ئاپپاراتى مۇئەييەنلەشكەندىن كېيىن، تالىبانلار بىلەن سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېس ب د ت باش ئىشتابىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «كىم بىلەن نېمە مەقسەتتە بولىدىغانلىقى ئېنىقلانسا، مەن  (تالىبان بىلەن) سۆزلىشىشكە تەييار» دېدى.

گۇتېررېس يەنە، ئافغانىستاندا بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشنى، بولۇپمۇ «ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» غا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر