موللا ئابدۇلغەنى بىرادەر: «بىز بۇنداق تېز ۋە ئاسانلا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان»

تالىباننىڭ قاتاردىكى سىياسىي ئىشخانىسى باشلىقى موللا ئابدۇلغەنى بىرادەر ئافغانىستاندىكى نىشانلىرىغا بۇنچە تېز يېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1691791
موللا ئابدۇلغەنى بىرادەر: «بىز بۇنداق تېز ۋە ئاسانلا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موللا ئابدۇلغەنى بىرادەر تالىباننىڭ پۈتۈن ئافغانىستانغا، بولۇپمۇ پايتەخت كابۇلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىغا دائىر باياناتىدا، «بۇنداق بىر ئۇتۇققا بۇنچە تېز ۋە ئاسانلا ئىگە بولىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىمىزنى تىلغا ئېلىشىم لازىم» دېدى.

موللا ئابدۇل غەنى بىرادەر: «بىز ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك، ئىلگىرى ئىگە بولۇپ باقمىغان ئېغىر مەسئۇلىيىتىمىز بولىدۇ. ھازىر سىناق ۋاقتى كەلدى، بىز ھازىر خەلققە مۇلازىمەت يەتكۈزۈش، بىخەتەرلىك ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم سىناقتىن ئۆتمەكتىمىز. كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە كەلگۈسىنى قوغدايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

تالىباننىڭ قاتاردىكى سىياسىي ئىشخانىسى باياناتچىسى مۇھەممەد نايىممۇ كابۇلدا ئەلچىخانا، دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىغا ھېچ قانداق خەتەر يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 2-ئايدا ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە، خەلقئارالىق قىسىملارنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈش مۇساپىسى باشلانغان ئىدى.

كېلىشىمدە چەتئەل قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، قاتاردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تالىبان، ئىيۇن ئېيىدىن بېرى تەڭلا بىرلا ۋاقىتتا باشلىغان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئافغانىستاندا نۇرغۇن ۋىلايەت مەركەزلىرىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

تالىبان تۈنۈگۈن پايتەخت كابۇلنى قورشاپ، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پايتەختتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، كابۇلنى تولۇق كونتروللۇقىغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر