ئامېرىكا كابۇلدىكى خادىملىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەر سانىنى5 مىڭغا چىقاردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كابۇل ئەلچىخانىسىدىكى خادىملارنى ئافغانىستاندىن بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 5 مىڭغا چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1691351
ئامېرىكا كابۇلدىكى خادىملىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەر سانىنى5 مىڭغا چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئافغانىستاننىڭ تالىبان تىز ئىلگىرىلەۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

بايدىن كابۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن ئامېرىكانى قوللىغان ئافغانىستانلىقلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يوللىنىدىغان ۋە ئىلگىرى 3000 دەپ ئېلان قىلىنغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ  5000 غا چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بايدىن بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى دۆلەتتىن بىخەتەر ۋە تېزلىكتە يۆتكەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بايدىن ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بايقىلىشىغا قارىتا، بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى قايتىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھوشيار تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنغا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ۋە باشقا ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى بۇيرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىقنى تۈگىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە تىرىشىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بايدېن باياناتىدا، «دوھا (قاتارنىڭ پايتەختى) دە تالىبان ۋەكىللىرىگە ئەگەر ئافغانىستادىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت قوللانسا، تېز ۋە كۈچلۈك ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر