نافتالى بېننېت ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋىليام بۇرنس بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋىليام بۇرنس دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بارغان تېل ئاۋىۋدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر» توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1689503
نافتالى بېننېت ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋىليام بۇرنس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بېننېتنىڭ پايتەخت تېل ئاۋىۋدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى بۇرنىسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ، بولۇپمۇ ئىراننىڭ ۋەزىيىتى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتقا يىغىننىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، بۇرنىسنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە موساد باشلىقى بارنېئا بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتى ۋە ھەمكارلىشىشنى پىلانلاۋاتقان رايونلۇق قوشۇمچە مەسىلىلەر» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر