تالىباننىڭ باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلدى

تالىبان قوراللىق كۈچلىرى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 4-ئىيۇل) كەچتە باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەتراپىدىكى ھەربىي پونكىتقا ھۇجۇم قىلدى.

1669765
تالىباننىڭ باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى باغرامنى ئىككى كۈن ئىلگىرى بوشاتقان  بولۇپ، بۇنى پۇرسەت بىلگەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرى باگرامغا يېقىن بىر قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرى تالىباننىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.

باغرام ۋالىيسى لالا شىرىن رائۇفى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەتراپىدىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇھۇجۇمنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بوشىتىلغان باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ توقۇنۇشتا بىر تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، يەنە بىرسىىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر