بايدىن ئاقسارايدا ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋە مىللىي يارىشىش ئالىي كېڭىشى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتى.

1665152
بايدىن ئاقسارايدا ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋە مىللىي يارىشىش ئالىي كېڭىشى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا سۆز قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستانغا قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، جو بايدىن ئەشرەف غېنى ۋە ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

بايدىن رەھبەرلەرنىڭ يېپىق ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاننى دىپلوماتىك جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئاقساراينىڭ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان يازاما باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا قارىتا خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى قوللىشى بىلەن دىپلوماتىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئافغانىستاندا يۇقۇم خەۋپىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتنى 3 مىليون قۇتا ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىگە سەرپ قىلىشى ئۈچۈن 266 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

غېنى بىلەن ئابدۇللاھ يەنە پېنتاگونغا بېرىپ مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئاۋستىن بىلەنمۇ كۆرۈشتى؛ پېنتاگوندىكى يىغىندىن ئىلگىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋستىن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش تىرىشچانلىقىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بايرىقى ئاستىدىكى ئافغانىستانغا قەتئىي ياردەم بېرىش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان بىلەن يېڭىدىن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئاۋستىن: «ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغان ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئورتاق نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، شۇنداقلا پەرقلىق شەكىلدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت غېنىمۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئافغانىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يېڭى بىر ھەمكارلىق ئورنىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئافغانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار پۈتۈنلەي خاتا. بىرلىكتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر