ئاقساراي باياناتچىسى ئەردوغان - بايدىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى «(تۈركىيە بىلەن) ھەمكارلىشالايدىغان ساھەلىرىمىزمۇ بار، پىكىرلىرىمىز پەرقلىنىدىغان نۇقتىلارمۇ بار» دېدى.

1655090
ئاقساراي باياناتچىسى ئەردوغان - بايدىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئارقا - ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى «(تۈركىيە بىلەن) ھەمكارلىشالايدىغان ساھەلىرىمىزمۇ بار، پىكىرلىرىمىز پەرقلىنىدىغان نۇقتىلارمۇ بار» دېدى.

باياناتچى پساكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەردوغان – بايدىن ئۇچرىشىشىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بەرپاچى شەكىلدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىدىغان ساھەلىرىمىز بار، پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىمىزمۇ بار» دېدى.

ئۇ، جو بايدىننىڭ تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، 14 – ئىيۇندىكى (بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدىكى) ئۇچرىشىشنىڭ يۈز تۇرانە دىپلوماتىيە ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پساكى، مۇخبىرلارنىڭ «سۈرىيەگە ئوخشاش مەخسۇس مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «ئەلۋەتتە ئىككى رەھبەر رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، كوۋىد – 19 ۋە ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. ئۇچرىشىش يېقىنلاشقانسېرى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر