ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇ دەۋرى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ رەقىبلىرى يېش ئاتىد (كەلگۈسى بار) بىلەن يامىنا پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1650837
ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇ دەۋرى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىن كېيىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان «كەلگۈسى بار» پارتىيەسى رەھبىرى يائىر لاپىد پىرېزىدېنت رېۋېن رىۋلىنغا ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە يەتكۈدەك سانغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پىرېزىدېنت رىۋلىن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، لاپىد ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىدىغان پارتىيە رەھبەرلىرىنى تەبرىكلىدى.

ئاشقۇن ئوڭچىل يامىنا پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نافتالى بېننېت بىلەن يائىر لاپىدنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە 8 پارتىيە ئورۇن ئالىدۇ.

نىتانىياھۇنى ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت كېچىككەندىمۇ 14- ئىيۇنغىچە ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىپ قەسەم بېرىشى كېرەك.

ئەگەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلسا، كېلىشىمگە ئاساسەن، يامىنا رەھبىرى بېننېت ئالدىنقى ئىككى يىلدا باش مىنىستىر بولىدۇ، كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇ ۋەزىپىنى كەلگۈسى بار پارتىيەسى رەھبىرى لاپىدقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئەگەر بېننېت- لاپىد رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلىسە، 2009- يىلى 3- ئايدىن ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نېتانياھۇ دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر