ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئوينايدىغان رولى مۇھىم

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر ئو.پېدېرسېن، تۈركىيەنىڭ باشقا خەلقئارالىق كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە خەلقىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1601541
ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئوينايدىغان رولى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر ئو.پېدېرسېن، سۈرىيە توقۇنۇشىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىنىڭ زىيارەتچىلەر كۆزنىكىگە سىن كۆرۈنۈشلۈك قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئۇ، 3 مىليون 600 مىڭ مۇساپىرغا سېخىيلىق بىلەن ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «2020 - يىلى ھەر 10 سۈرىيەلىكنىڭ ئۈچىنىڭ تۈركىيەنىڭ سايىسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى» دېدى.

پېدېرسېن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار 2254 نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ماس كېلىدىغان، شۇنداقلا سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىستەكلىرىگە ئۇيغۇن سىياسىي يول تېپىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە باشقا خەلقئارالىق كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە خەلقىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا نىسبەتەن بىر قەدەر جىمجىت ئۆتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بىز چوقۇم بۇ جىمجىتلىقنى ساقلىشىمىز ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بولۇپمۇ ئىدلىب مەسىلىسىدە تۈركىيە - رۇسىيە كېلىشىمى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تولۇق، ئۈزلۈكسىز ۋە توسالغۇسىز ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن پېدېرسېن، بۇنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان، رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تولۇق بىر گەۋدىلەشكەن، ئىشەنچلىك ۋە قوشنىلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغان سۈرىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر