دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەندىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقمىغانلىقىنى؛ ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ شەپەرەڭ بولۇشىنىڭ زور ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1580433
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەندىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ھەيئىتى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋۇخەندىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانا مەھسۇلاتى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ شەپەرەڭ بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ توڭلىتىلغان مەھسۇلات زەنجىرىدىن تارقالغان بولۇش ئېھتىمالى بولسا يۇقىرى ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى يەنە، ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنىمۇ قەيت قىلدى. شەھەردىكى خۇانەن بازىرىدىن باشقا جايدا تارقالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلار ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

خىتاي ھەيئىتى بولسا، ۋىرۇسنىڭ قايسى ھايۋاندىن تارقالغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋۇخەندىنمۇ تارقالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يېتەرلىك دەلىللەرنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر