بىلىنكېن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى.

1577172
بىلىنكېن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تارىخىي ئىسرائىلىيەگە ئېچىلىش سىياسىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى رايون تەھدىتىدىن قوغداش ھەمكارلىقى، ھەمدە رايوندىكى زىددىيەت ۋە سۈركىلىشلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىلىنكېننىڭ قاتار بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش يولىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى بىلدرۈلگەن باياناتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ سۆھبەت، بىلىنكېننىڭ مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى پارس قولتۇقى دۆلىتى بىلەن ئورناتقان تۇنجى ئالاقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر