مىسىردا 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئالتۇن تىللىق موميالار تېپىلدى

مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى تاپوسىرىس ماگنا ئىبادەتخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوەىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، تاغ قىيالىرىغا ئويۇلغان 16 قەبرە تېپىلدى.

1576561
مىسىردا 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئالتۇن تىللىق موميالار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەدىمىي مىسىر ۋە رىم دەۋرىگە ئائىت 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەبرىلەردە ئالتۇن تىللىق موميالار بايقالدى.

مۇمىيالاش جەريانىدا چىقىرىۋىتىلگەن تىلنىڭ ئورنىغا تىل شەكلىدە ياسالغان ئالتۇن يوپۇرماقنى ئېغىزغا قويۇش ئەنئەنىسىنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ئاخىرەتتە ئىلاھ ئوسىرىس ئالدىدا سوتقا تارتىلغاندا سۆزلىيەلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە دائىر ئېتىقادنى ئاساس قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوسىرىس قەدىمقىي مىسىردا ئۆلۈكلەرنى سوتلايدىغان يەر ئاستى ئىلاھى، ئۆلۈم ۋە تىرىلىش تەڭرىسى، دەپ ئېتىقاد قىلىناتتى.


خەتكۈچ: #موميا , #مىسىر

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر