ب د ت ۋاكسىنا تەقسىماتىنىڭ ئادىل بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2021 – يىللىق داۋوس يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى.

1571118
ب د ت ۋاكسىنا تەقسىماتىنىڭ ئادىل بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىشى كېچىكتۈرۈلسە، ۋىرۇس ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ تېخىمۇ يۇقۇملۇق ۋە ئەجەللىكلىشىپ كېتىشى ۋە نۆۋەتتىكى ۋاكسىنىنىڭ ئىشقا يارىماي قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2021 – يىللىق داۋوس يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ يۇقۇم ۋاكسىنىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرىغا ۋاكسىنا ئەملەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سەل قاراش ئارقىلىق بىخەتەر بولىمىمىز دەپ ئويلىسا خاتالىشىدۇ» دېگەن گۇتېررېس، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يۇقۇمنى تېخىمۇ يۇقۇملۇق ۋە تېخىمۇ ئەجەللىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ۋاكسىنىلارنى كارغا كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدىغان ھەقىقىي ئۆزگىرىش خەۋىپى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش ۋە تارقىتىشنىڭ باراۋەر بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئانتونىئو گۇتېررېس، پۈتكۈل دۇنيادا كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ: #ۋاكسىنا , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر