خىتاي ئامېرىكانى «تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقىنى قولايدىغانلارغا خاتا سىگنال بەردى» دەپ ئەيىبلىدى

خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئىككى يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولايدىغان بۆلگۈنچىلىرىگە خاتا سىگنال بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1555276
خىتاي ئامېرىكانى «تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقىنى قولايدىغانلارغا خاتا سىگنال بەردى» دەپ ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «ئارلېي بۇرك» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتى «USS John S. McCain» ۋە «USS Curtis Wilbur» نىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئۈستىدە توختالدى.  

باياناتچى ۋۇ بۇ ئىشقا قارىتا: «كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەردى.

باياناتچى ۋۇ: «ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان بۆلگۈنچىلكەرگە خاتا سىگنال بەردى. تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە خەۋپكە ئىتتىردى. بىز بۇ ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاراخوتلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە تەيۋەن بوغۇزىدىن قەرەللىك ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتايغا پەقەت ئۆزىنىڭلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە ھەمدە تەيۋەننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىللىك قىلىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر