بەزى شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون 751 مىڭ 342 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 79 مىليون 831 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 56 مىليون 217 مىڭغا يەتتى.

1551961
بەزى شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 147 مىڭ 128 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىليون 147 مىڭ 468 گە يەتتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 563 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 53 مىڭ 659 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 992 مىڭغا يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسى بويىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە،  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 326 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 25 مىڭ 963 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 968 مىڭ 563 كە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن، ئالجىرىيەدە 9 كىشى قازا قىلدى، 2 مىڭ 705 كىشى يۇقۇملاندى. كۇۋەيتتە 2 كىشى قازا قىلدى، 926 كىشى يۇقۇملاندى.

ياپونىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 3 مىڭ 50 كىشى قازا قىلدى، 206 مىڭ 139 كىشى يۇقۇملاندى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن، ھىندونېزىيەدە 20 مىڭ 589؛ ئىراقتا 12 مىڭ 744؛ پاكىستاندا 9 مىڭ 753؛ باڭلادېشتا 7 مىڭ 378 كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر