كازىمى: تۈركىيە ئىراققا ياردەمچى بولۇشقا تەييار

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى تۈركىيەنىڭ كۇۋەيت يىغىنىدا ۋەدە قىلغان بەش مىليارد دوللار بىلەن ئىراقنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1549663
كازىمى: تۈركىيە ئىراققا ياردەمچى بولۇشقا تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كازىمى باغدادتا چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىنكى باياناتى ئەسناسىدا تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىر ھەيئەت بىرلىكتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ ئۇلارنى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مېنىڭ يېقىن دوستۇم. تۈركىيەدە ئىراققا يارىشىدىغان شەكىلدە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە كۇۋەيتتە چاقىرىلغان يىغىندا ۋەدە قىلغان بەش مىليارد دوللار بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا تەييار» دېدى.

ئۇ يەنە، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا تەستىقلانغان 2021- يىللىق خامچوتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن باشقا مەمۇرلارنىڭ مائاشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇستاپا كازىمى تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ يېشىل رايوندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق بىر قىسىم گۇماندارلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر