ئافغانىستان ھەيئىتى ۋە تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەر ۋاقىتلىق توختىتىلدى

ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى باسقۇچى داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەر 23 كۈن ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

1545149
ئافغانىستان ھەيئىتى ۋە تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەر ۋاقىتلىق توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ھابىبا سارابى مۇزاكىرەلەرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلارنى، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ئافغانىستان خەلقى بىلەن تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا 12-سېنتەبىر (2020) دە قاتار پايتەختى دوھادا باشلانغان ۋە ئۆتكەنكى كۈنلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان مۇزاكىرەلەرنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچ مۇزاكىرەلىرى باشلانغان ئىدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ھامدۇللاھ مۇھىب، مۇزاكىرەلەرنىڭ قالغان باسقۇچلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر