فىرانسىيە سوتىدا سابىق پىرېزىدېنت ساركوزى ئۈچۈن 4 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقان فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى ئۈچۈن «ئوغرىلىقچە ئاڭلاش» دېلوسىدا، 4 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى.

1542252
فىرانسىيە سوتىدا سابىق پىرېزىدېنت ساركوزى ئۈچۈن 4 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىكولاس ساركوزى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا فىرانسىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى ئۆزى ھەققىدە باشلانغان تەكشۈرۈشلەرگە دائىر مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سابىق سوتچى گىلبېرت ئەزىبېرتقا پارا بېرىش قاتارلىق بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.  

تەپتىش مەھكىمىسى بولسا، نىكولاس ساركوزى ئۈچۈن 2 يىل رۇيخەتكە كىزگۈزۈلگەن شەكىلدە  4 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلدى.

ئوخشاش دېلودا سوتلىنىۋاتقان ساركوزىنىڭ ئادۋوكاتى تىئېررىي ھېرزوگ ۋە سوتچى ئەزىبېرت ئۈچۈنمۇ ئوخشاش جازالار تەلەپ قىلىندى.

ئادۋوكات ھېرزوگ ئۈچۈن يەنە 5 يىلغىچە كەسپىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى تەلەپ قىلىندى.

ساركوزى ئۆزىگە قارشى ئېچىلغان دېلولار ھەققىدە مەخپىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئادۋوكاتى ئارقىلىق سوتچى ئەزىبېرت بىلەن چىرىكلىك قىلغان، دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن سوتقا كېلەلمىگەن ئەزىبېرتنىڭمۇ مەنسەپ بەدىلىگە ساركوزىنىڭ دېلوسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىلمىشلاردا بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

2007 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سەپەرۋەرلىكى ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى لىۋىيە پىرېزىدېنتى مۇئەممەر قاززافىدىن قانۇنسىز ئىقتىسادىي ياردەم ئالغانلىقى ۋە سايلام سەپەرۋەرلىكىنى شۇ پۇل بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەر سەۋىبىدىن ئېچىلغان دېلودا، ھېرزوگنىڭ ساركوزى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس لىنىيە ئاچقانلىقى بايقالغان ئىدى.

ئوغرىلىقچە ئاڭلاش دېلولىرى «پائۇل بىسمۇت» ناملىق ئالاقىلىشىش لىنىيەسىدە قەيت قىلىغان سۆھبەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

ساركوزى بولسا، ئالىي سوتىنىڭ 2007 - يىلدىكى سايلام سەپەرۋەرلىكىدە فىرانسىيەنىڭ ئەڭ باي ئاياللىرىدىن لۇئېرالنىڭ ۋارىسى لىلىيان بېتتېنكورتنىڭ 150 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلغانلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر