ب  د ت 27 - دېكابىرنى «خەلقئارا يۇقۇمغا تەييارلىق كۈنى» ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) تارقىلىشچان زۇكىمى سەۋەبىدىن 27 - دېكابىرنى «خەلقئارا يۇقۇمغا تەييارلىق كۈنى» دەپ ئېلان قىلدى.

1541457
ب  د ت 27 - دېكابىرنى «خەلقئارا يۇقۇمغا تەييارلىق كۈنى» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى (كوۋىد -19) يۇقۇمىدىن ساۋاق ئېلىش ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق يۇقۇملىنىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر قارارنامىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ قارارغا ئاساسەن، 27 - دېكابىر «خەلقئارا يۇقۇمغا تەييارلىق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىندى.

كوۋىد -19 سانلىق مەلۇماتلىرى توپلىنىدىغان «Worldometers» تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان كوۋىد -19 يۇقۇمى ھازىرغا قەدەر 67 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يۇققان. 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر