ئىران ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ۋاكسىنا سېتىۋالالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىران مەركىزى بانكاسىنىڭ باشلىقى ئابدۇنناسىر ھىممەتى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە چەت ئەللەردىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى سېتىۋالالمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1541039
ئىران ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ۋاكسىنا سېتىۋالالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەركىزى بانكاسىنىڭ باشلىقى ئابدۇنناسىر ھىممەتى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ خەلقنى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سېتىۋېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ۋاكسىنا سېتىۋېلىشتا نۇرغۇنلىغان توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى رەسمىي ھالدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق سېتىۋېلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل پۇل تۆلەش يوللىرىنى سىناپ باقتۇق. ئەمما، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدۇق» دېدى.

ئۇ جەنۇبىي كورېيە ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئارقىلىق تىرىشچانلىقلارنىڭمۇ نەتىجىسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۇل ئەۋەتىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 7-ئاۋغۇست ئىراننىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ئىدى. ئىران ھۆكۈمىتى مەركىزى بانكاسىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن، خەلقئارالىق سودىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ئىراننىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى پۇللىرىمۇ توڭلىتىپ قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر