ئىسپانىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھى يوقاپ كەتتى

دۇنيانى كۆزىتىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن ئىسپانىيەنىڭ «Ingenio» ناملىق سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىدا يوقاپ كەتتى.

1529653
ئىسپانىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈنئىي ھەمراھنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە مەسئۇل فرانسىيە شىركىتى ئارىئانسپاس، «Ingenio» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا كىرگۈزۈشكە مەسئۇل ۋېگا راكېتاسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن 8 مىنۇت كېيىن يۆنىلىشىدە بىر بۇرۇلۇشنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە ئالەم بوشلۇقىدا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

راكېتانىڭ، جەنۇبىي ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە گۋىئاناسىدىكى ئالەم بوشلۇقى بازىسىدىن تۈركىيە ۋاقتى 16:52 دە قويۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«Arianspace» مەسئۇللىرى، دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، «سۈنئىي ھەمراھنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ئىنسان خاتالىقى سەۋەپ بولغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسپانىيە مەتبۇئاتلىرىدا «Ingenio» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ 200 مىليون ياۋرولۇق بىر لايىھە ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئىيۇل ئېيىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭمۇ ۋېگا راكېتاسىنىڭ ماتورلىرىدىن بىرىدە كاشىلا چىققانلىقى تۈپەيلى يوقاپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر