ئامېرىكا 15 - يانۋارغىچە ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى كرىستوفىر مىللېر ئامېرىكانىڭ 2021 - يىلى 15 - يانۋارغىچە ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1529759
ئامېرىكا 15 - يانۋارغىچە ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كرىستوفىر مىللېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) دا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، «2021 - يىلى 15-يانۋارغىچە ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانى 2500 بولىدۇ. ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىمۇ ئوخشاش شەكىلدە 15-يانۋارغىچە 2500 گە قىسقارتىلىدۇ» دېدى.

كرىستوفىر مىللېر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەتلىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن نەچچە ئايدىن بېرى داۋامشلاشقان مەسلىھەتلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىللېر بۇ ھەقتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ۋە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى قاتارلىق نۇرغۇن ئىتتىپاقداش دۆلەت رەھبەرلىرى  بىلەن مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ئافغانىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلىش بىلەن باشلانغان ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كرىستوفىر مىللېر: «پەرزەنتلىرىمىزنى بۇ مۇددەتسىز ئۇرۇشلارنىڭ ئېغىر يۈكىدىن قۇتۇلدۇرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن  بولسا، ئاقسارايدىكى باياناتىدا، «ئىراق ۋە ئافغانىستاندا قالغان ئەسكەرلەر ئەلچىخانىلىرىمىزنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئورگانلىرىنى قوغدايدۇ. بۇ ئەسكەرلەر دىپلوماتلىرىمىزنى قوغداش بىلەن بىرگە دۈشمەننى چېكىندۈرىدۇ. پىرېزىدېنت ترامپ مايدا بۇ دۆلەتلەردىكى بارلىق ئەسكەرلەرنىڭ بىخەتەر ئۆيىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر