فىرانسىيەدە «كۈلرەڭ بۆرىلەر» دەپ تونۇلغان «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» جەمئىيىتى چەكلىنىدىغان بولدى

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن «كۈلرەڭ بۆرىلەر» دەپ تونۇلغان «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1520791
فىرانسىيەدە «كۈلرەڭ بۆرىلەر» دەپ تونۇلغان «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» جەمئىيىتى چەكلىنىدىغان بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن دۆلەت مەجلىسى قانۇن كومىتېتىدىكى باياناتىدا، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ «كۈلرەڭ بۆرىلەر» دەپ تونۇلغان «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» جەمئىيىتىنى تاقاشنى قارارلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرالد دارمانىن يەنە، ئېممانۇئېل ماكرون ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يېقىنقى 3 يىلدا 43 جامەنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلارغا سېلىشتۇرغاندا ماكروننىڭ تېخىمۇ كۆپ جامەلەرنى تاقىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋيېنې شەھىرىدە 28 – ئۆكتەبىردە ئەرمېنىيەنى قوللايدىغان نامايىشچىلار A7 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى توسۇپ، ئىشقا ماڭغان تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن 4 نەپىرى تۈرك، جەمئىي 5 كىشى يارىلانغان ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، لىئون ۋە دىجون شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركلەر ئەرمېنىيە نامايىشچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە ساقچىلار تۈرك نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلغاندىن سىرت، قاتناشقۇچىلارغا جەرىمانە قويغان ئىدى.

بەزى فىرانسىيە دائىرىلىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئەرمېنىيلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا نامايىش قىلغان تۈركلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر